كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسىي گرام بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.16

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى چۇقانلار داۋاملىق ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 16-مارت كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسىي گرام ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە مەخسۇس ئۇچۇر يوللاپ، بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئ‍ۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ 1936-يىلى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ بېرلىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشتەك زوراۋانلىقىنى پەردازلاپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال 2022-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ شەھرى ھەرگىزمۇ ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئورۇن ئەمەس!» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىنىڭ ئاخىرىدا گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەرگە جازا بېرىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇكاپاتلاشقىمۇ سەۋەب يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «بايدېن ۋە ترامپ ھۆكۈمەتلىرى نۆۋەتتە خىتايدا قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەن» دېگەن قۇرلار زور دىققەت قوزغىدى.

لىندسىي ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا مۇسابىقىنىڭ ئورنى ئۈچۈن باشقا بىر جاينى تاللاش، ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىم مۇسابىقە تۈرلىرىنى خىتايدىن باشقا جايغا يۆتكەش تەكلىۋىنى بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.