ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تود يوڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.30

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى تود يوڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى «دىپلوماتىك بايقۇت» قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تود يوڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇنىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىكەن. تود يوڭ بۇ سۆزلەرنى 29-ئاپرىل «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تود يوڭ «بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان قۇللۇق شارائىتىنى قەتئ‍ىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىز، يىرگىنىدىغانلىقىمىز ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقىمىزنىڭ سىگنالى. بىز ئۇلار ئ‍ىشتىراك قىلىۋاتقان ئ‍ۆلتۈرۈش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرىشنى ئەيىپلەيمىز،» دىگەن.

تود يوڭ بۇ سۆزلارنى غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت-قىلماسلىق مۇنازىرە قوزغالغان، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە تېخى ئاخىرقى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە قىلغان.

نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ھۆددىگەرلىكنى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا شىركەتلەرگە ھۆددىەگەرلىكتىن چېكىنىش توغرىسىدا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ەگەر ئامېرىكا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلسا، ئۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.