خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايغا يان بېسىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
2024.07.26
«دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو» (NPR)نىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شۇ كۈنى ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش» ھەققىدىكى تەلەپنى رەت قىلغان. شۇنىڭدەك، ئامېرىكا ئىلتىماس قىلغان «سالت لېيك» (تۇزلۇق كۆل) شەھىرىنىڭ 2034-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ئىلتىماسى» نى بىكار قىلىدىغانلىقىنى پەش قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە خىتاي سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىكى 23 نەپەر ماھىرنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى روھلاندۇرۇش دورىسى يەۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. ئاشۇ تەنھەرىكەتچىلەردىن 11 نەپىرىنىڭ 26-ئىيۇل پارىژدا باشلىنىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار «خەلقئارا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئارقىلىق بۇ قىلمىشنى تەكشۈرۈشنى كەسكىن تەلەپ قىلغان. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى «ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ھەمدە زادىلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان تەلەپ» دېگەن.
ئەمما «ئامېرىكا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ باشلىقى تراۋىس تىيگارت (Travis Tygart) بۇنى تەنقىدلەپ: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىگە باغلىنىشلىق مۇشۇنداق بىر يوللۇق تەلەپكە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىشى ھەمدە بۇنى ‹سالت لېيك› شەھىرىنىڭ ئىلتىماسىغا چېتىپ تەھدىت سېلىشى ئادەمنى يىرگەندۈرىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋاقىتتا «خەلقئارا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دورا يېيىشى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جامائەتتىن مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ، 2024-يىلى ئەتىيازدا مۇخبىرلار بۇنى پاش قىلىۋەتكەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تەنھەرىكەتچىلەر روھلاندۇرۇش دورىسى يېمىگەن؛ مۇسبەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى پەقەت تاسادىپىي بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان» دەپ تۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى مونوپول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دەپ قارالماقتا.