رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، تۆنۈگۈن كەچقۇرۇن ئالدىنقى ئىككى كۈندە ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن مېدال سانى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقىدە ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى 3 ئالتۇن مېدال، 5 كۆمۈش مېدال ۋە 4 مىس مېدال بىلەن بىرىنچى ئورۇننى، خىتاي تەنھەركەتچىلىرى 3 ئالتۇن مېدال، 2 كۆمۈش مېدال ۋە 3 مىس مېدال بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
ئۇندىن كېيىنكى 3 ئورۇننى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋسترالىيە، ئىتالىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە تەنھەرىكەتچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كوسوۋا بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن.
يۇدو تۈرى بويىچە ئىتالىيەلىك رەقىبىنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان 25 ياشلىق كوسوۋالىق ئايال تەنھەرىكەتچى ماجلىندا كەلمەندى مېدال تارقىتىش مۇراسىمىدا كوسوۋانىڭ بايرىقى لەپىلدىگىنىدە 1 مىليون 800 مىڭ كوسوۋا خەلقى ئۈچۈن ھاياجاندىن كۆز يېشى قىلغان.
نۆۋەتتە برازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەرقايسى تۈرلەردىكى مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.
