بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-08-10
Share

نۆۋەتتە بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008-يىلىدىكى يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىغا تاللاش بىر قېتىملىق خاتالىق بولغان» دەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىىشچە، 21-ئەسىردە جازا لاگېرى قۇرۇۋاتقان ھەمدە تەيۋەن ۋە ئاۋسترالىيەگە تەھدىت سېلىۋاتقان خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىزمۇ يول قويۇشقا بولمايدىكەن. ئاپتور ساللىي جېنكىنس ماقالىسىدە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا جامائىتىنىڭ «خىتاي باي بولسا ئەركىنلىككە يۈزلىنىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن خىتايغا تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى، جۈملىدىن 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ. شۇنىڭدەك «بىزنىڭ ئەمدى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى <دىپلوماتىك بايقۇت> شەكلىدە ئەمەس، <تولۇق بايقۇت> شەكلىدە بايقۇت قىلىشىمىزنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بىر نۇقتا 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى بولغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئادولف گىتلېر ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ توختايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېرلىندىكى باش كونسۇلى جورج مېسسېرمىس «بېرلىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ناتسىستلارنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئارزۇسىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇنى جەزمەن بايقۇت قىلىشىمىز لازىم» دېگەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتىمۇ «تەنتەربىيەدە سىياسەت مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن قاراش ئۈستۈنلۈك قازىنىپ بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى ئەمەلگە ئاشمىغانىكەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ «سەمرىگەن زەھەرلىك يىلاننى ئۆيگە باشلىغاندا ئۆي ئاخىرى شۇنىڭ بولۇپ كېتىدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاش خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەمدە شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىققا مۇكاپات بەرگەنلىككە باراۋەر» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت