ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.12

ئۆتكەن ئايدا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى پائالىيىتىنىڭ 6 نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قېرىنداشلار يىغىنىغا قاتناشقان پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەزكۇر ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە 5 - قۇرۇلتاينىڭ سايلام نەتىجىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، قېرىنداشلار يىغىنى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ، دۇنيادىكى 18 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن تونۇشۇش جەريانى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنى ھاياجانلاندۇرغان. ئىككى يىغىننىڭ روھىدىن ۋاقىپ بولغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە پوزىتسىيە ۋە تەسىرات بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.