ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشقان 45 مىڭدىن ئارتۇق ئىستۇدېنت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى يوشۇرۇن تۇتۇلماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.09.03


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2 - سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 80 مىڭغا يېقىن ئىستۇدېنتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى، ئۇلاردىن ھازىرغىچە 45 مىڭدىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان ئىستۇدېنتلار بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 57% نى ئىگىلەيدىكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىستۇدېنتلار ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زادى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىستاتېسكىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىل يازدىن بۇيان كۆپ قېتىم خەۋەر بېرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىئىستۇدېنتلارنى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيەسىمۇ بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپ ساندا ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىستۇدېنتلار ئىچىدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» پىلانى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش» ئىستراتېگىيەسى ئۇيغۇر ئىئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ تارايتىپ بارماقتا، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.