ئورلاندو كەچلىك كۇلۇبىدىكى ھۇجۇمدا 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى


يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى ئورلاندو شەھىرىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرپ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشى كېلىپ چىقتى.

خەۋەر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساقچى تەرەپ يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئورلاندو شەھىرىدىكى «پۇلس» ناملىق كەچلىك كۇلۇبتا بىر كىشىنىڭ ئاپتوماتىك قورال ۋە تاپانچا بىلەن كۇلۇپ ئىچىدىكى كىشىلەرگە ئوق چىقىرىپ، 50 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ھەم 53 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى ۋە ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار بىلەن ئېتىشىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى بېكىتكەن بولۇپ، ھۇجۇمچىنىڭ ئەسلى ئافغانىستانلىق 29 ياشلىق ئۆمەر مەتىن ئىسىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەكىلى ھۇجۇمچىنىڭ بەلكى رادىكال ئىسلامى كۆز قاراشقا ئىگە كىشى ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى تەرىقىسىدە تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ۋەقە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئاممىۋى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى دەپ قارالماقتا. ئاق ساراي مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا ئۆز تەزىيىسىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.