يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر توداي» ئىنتېرنېت تورىدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بەش نەپەر ئۇيغۇر تىجارەت ئەربابىنىڭ قىسقىچە ئىگىلىك تىكلەش ۋە سودا پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر تىزىملىكتىكى بەش كىشىنىڭ توتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن پەقەت بىر كىشىلا مەزكۇر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.
بۇ تىزىملىكنىڭ بىرىنچى ئورنىنى مەشھۇر تىجارەتچى ئەلىجان ئىبرايىموف ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 800 مىليون دوللار ئىكەن. ئەلىجان ئىبرايىموف ئىلگىرى قازاقىستاندىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە فوربېس ژۇرنىلىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق سودىسى ياۋروپا بىلەن بولىدىكەن. ئۇ، «خەلقئارا يەر ئاستى بايلىقلىرى شىركىتى»نىڭ 33.3% «ياۋرو-ئاسىيا مالىيە شىركىتى» نىڭ 33% پاي چېكىنىڭ ساھىبى ئىكەن.
ئەلىجان ئىبرايىموف ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلۇپ، قىرغىزىستاندا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە موسكۋادىكى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان.
مەزكۇر مەشھۇر ئۇيغۇر بايلار تىزىملىكىدىن يەنە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن 69 ياشلىق ئەخمەتجان شاردىنوف، 63 ياشلىق دىلمۇرات قۇزىيېف، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن 60 ياشلىق تۇرسۇنتاي سالىموف ئورۇن ئالغان. گەرچە، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي بايلىقىنىڭ سانى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئوز جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ خەلقئارا ساھەگە يۈزلەنگەن چوڭ سودا شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەتتا، بۇلاردىن بەزىلىرى ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى پارلامېنت، مىللەتلەر كېڭىشىدە رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە باشقا ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
رەسمىي ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 400 مىڭغا يېقىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ھېسابلىنىدۇ.
