ئۇيغۇر ئارتىسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيىدە چاغانلىق كونسېرتى قويۇشقا تەشكىللەندى
2016.02.14
چاغان بايرىمى ئۇيغۇرلار رايونىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەنگەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئارتىسلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تەشكىللەنگەن ئىككى ناخشا - ئۇسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاۋسترالىيىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە كونسېرت قويغان. 12 - فېۋرال كۈنى مەزكۇر ئۆمەك ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى «تۈركىستان» سارىيىدا «خۇشال - خۇرام 2016 - يىللىق باھار بايرىمى» نامى ئاستىدا ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
شىنخۇانىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كوللېكتىپ ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېك تاماشىبىنلار ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تولىمۇ يېقىنلىقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كونسېرت نومۇرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىشقان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەزكۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى ئۆزبېكىستاننىڭ بىر قانچە جايلىرىدا، جۈملىدىن 15 - فېۋرال سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
پەرۋاز تورىنىڭ قازاقىستان خەۋەر مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «خۇشال - خۇرام باھار بايرىمى» نامىدا كونسېرت قويغان.









