خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى» غا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىشىغا، شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىغا يېقىندىن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ ھەپتە خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە كوللېكتىپ ئۇچرىشىش ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەيدان ئىنكاس، دەپ قارالماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شىئەن ئۇچرىشىشىدا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىساد ئالاقىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى يىرىكلىشىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بولۇشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشماقتا ئىكەن. ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى» دا قىلغان سۆزلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى» 2017-يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. پاكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، خىتاي قاتارلىق 11 دۆلەت ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئورتاق كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ يېڭى ئىنستىتۇتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىكەن.