ئازاتلىق رادىيوسى: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمى كۈچەيمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-13
Share

باش شىتابى چېخىيە پايتەختى پراگدىكى «ئازاتلىق رادىيوسى» 12-سېنتەبىر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سۆھبەت قازاقىستاننىڭ يېقىندا ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى جېن بۇنىننى چېگرادىن كىرگۈزمەسلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلغان.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى 4-سېنتەبىر جېن بۇنىننىڭ قازاقىستانغا كىرىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ 5 يىلغىچە قازاقىستانغا كىرىشىنى چەكلىگەن. جېن بۇنىڭ ئۇزۇن يىل قازاقىستاندا تۇرۇپ، قازاق ۋە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئارخپىنى تۇرغۇزۇپ كەلگەن ئىدى. «ئازاتلىق رادىيوسى» دىكى سۆھبەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېتسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس ۋە «قىشلاق ئاۋازى» بلوگىنىڭ يازغۇچىسى برۇس پەننېر قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشقان.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا جېن بۇنىن مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنى بۇ خىل تەتقىقات ئىشلىرىغا قول تىقماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭمۇ بۇرۇن ئامېرىكالىق تەتقىقاتچىلارنى چەكلىگەنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارىتا خىتاينى يېتەرلىك ئاگاھلاندۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور شان روبېرتس، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايدىن كەلگەن ئېتنىك قازاقلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويۇپ، باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مەسىلىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە قازاقىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت