خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپپاروف (Akylbek Zhaparov)، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك جۇمانغارىن (Serik Jumangarin) ۋە تاجىكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھاكىم خالىقزادە (Hokim Kholiqzoda) بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەردە بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە بۇنىڭدىكى مەنپەئەتلەر، شۇنىڭدەك «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تارىخىي پۇرسەتلىرى ھەر ئىككى تەرەپكە زور مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى»، بۇ دۆلەتلەرنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدە قەتئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىنىپ كېلىۋاتقان 50 نەچچە دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە خىتايدىكى بىر قىسىم مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئالاھىدە نامايان بولغان.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدا خىتايغا قارىتىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ غەربكە قاراپ «يۈرۈش قىلىشى» مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك پائالىيىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىزچىل تۈردە مۇھىم بازا بولۇش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.