خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى

خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 1-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشقا كېلىشكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، مىنىستىرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ 2025-يىلى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىشىنى قوللاشقا، ئورتاق خىتابنامە ئىمزالاش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانى، ياخشى قوشنىدارچىلىق-دوستانە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى ۋە باشقا ئاچقۇچلۇق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارارى رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقان، بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە بۇ رايوندىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىس قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە چىقىرىلغان.

ھالبۇكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئىزچىل قوللاپ، بېيجىڭغا يان بېسىشىمۇ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى بۇ يىغىننىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئورتاق ئىدىيە ۋە قىممەت ئۆلچىمى ئاساسىدا ‹خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى› نى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىغىندا مىنىستىرلار يەنە رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتا بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ماھىيەتتە بۇ رايوندىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا يول ئاچقان، دەپ قارالماقتا.