خىتاي ج خ تارماقلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «بىخەتەرلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بارغان
2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندىن كېيىن رايوندا خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 600 مىڭغا، بەزى دوكلاتلاردا 900 مىڭغا يېتىپ بارىدىكەن.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-03-25 -
-
-
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى رايوندىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «بالىلارنى قوغداش» بىخەتەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندا ئاتا-ئانىسى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى، ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە رايونلاردىكى مەكتەپلەردە «بالىلارنى قوغداش» بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.
چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇندىن كېيىن رايوندا خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 600 مىڭغا، بەزى دوكلاتلاردا 900 مىڭغا يېتىپ بارىدىكەن.
ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «بىخەتەرلىك تەربىيە كۈنى» بولۇپ، بۇ يىلقى «بىخەتەرلىك تەربىيە كۈنى»، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى كۈچىيىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىچىك بالىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى كېڭەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى يۆتكەپ كېلىشى، رايوننىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى ھازىرمۇ لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرى پەيزىۋات، تېكەس، قابا، قاغىلىق ۋە نىيە ناھىيەلىرى ھەمدە ئالاتاۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا «بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى» بويىچە تەربىيە ئېلىپ بارغان. خەۋەرلەردە «دۆلەت بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش ۋە تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيە ئېلىپ بارغان.