ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا 700 مۇساپىر غەرق بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالى كومىسسارلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا شىمالى ئافرىقىدىن ياۋروپاغا قاچقان مۇساپىرلار ئولتۇرغان پارخوتلارنىڭ چوكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالى كومىسسارلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا شىمالى ئافرىقىدىن ياۋروپاغا قاچقان مۇساپىرلار ئولتۇرغان پارخوتلارنىڭ چوكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ھادىسىلەر ئۆتكەن ھەپتىدە، يەنى 25 -. 26 - ۋە 27 - ماي كۈنلىرىدە ئارقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ،قاچاق مۇساپىرلار ئولتۇرغان سۈپەت ئۆلچەمگە لايىق ئەمەس پاراخاتولار، ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەم ئادەملەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ قاچىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن سۇغا غەرق بولغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر سانلىق مەلۇماتنى ئېيتقان بدت مۇساپىرلار ئالى كومىسسارلىقى خادىمى كارلوتتا سامىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لىۋىيەنىڭ سابراتا پورتىدىن چىققان 550 ئادەم ئولتۇرغان پاراخوت پەيشەنبە كۈنى ھادىسىگە ئۇچراپ، 550 ئادەم غەرق بولغان.

ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى بۇ ئۈچ كۈنلۈك ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ 700 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېيتقان بولسىمۇ،ئەمما چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلارى دېڭىزغا غەرب بولۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ 900 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرى شەنبە كۈنى لىۋىيەدىن چىققان 600 ئادەمنى قۇتقۇزىۋالغانلىقى، بىر ھەپتە ئىچىدە 13 مىڭ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ، مۇساپىرلار لاگىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن گرېتسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىش يولى كېسىلىپ، شىمالى ئافرىقىدىن ياۋروپاغا دېڭىز ئارقىلىق قېقىش دولقۇنى قوزغالغان ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org