دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش نامىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مەھەللە تۈسىنى ئالغان ئولتۇراق ئۆيلىرىنى چېقىپ، ئاھالىلەرنى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىمۇ ناھىيىلەردىكى مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىپ ئاھالىلەرنىڭ بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن.12 - ئاپرىلدىكى شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە، قۇمۇلنىڭ بارىكۆل ناھىيىسى مەركىزىدىكى مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 30 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنىپ، دەسلەپكى تۈركۈمدە ئۆيلىرى چېقىلغان 41 ئائىلىدىن 17 سىنىڭ يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆيلىرىدىن رازى بولۇپ، «ئەمدى قىشتا قار تازىلىمايمىز»، «ئۆيدە ئوتۇن - كۆمۈر قالىمايدىغان بولدۇق، بىنا ئۆيلەر ئىسسىق ھەم راھەت» دىگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
ئەمما رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەھەللىلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قىلمىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى ھەققىدە يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيمەكتە. ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىقلاردا بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرى تارقالغان ئۇچۇرلاردا يەكەن ناھىيىسىدىكى ئۆي چېقىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ، مەھەللىلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قورو جايلىرى «يەر تەۋرەشكە چىدامسىز» دېگەن باھانىدە چېقىۋېتىلىپ، قورو جايلىرى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەسلىدىكى ئۆيلىرىدىن كۆپ قىممەت بولغان بىنا ئۆيلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق بايانلىرى بېرىلگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەھەللىلەرنى چېقىش قىلمىشى، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش پىلانىنىڭ يېڭى قەدەملىرى» دېگەن ئىدى.
