تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانىدى.
«شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا ئويغىنىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 29-دېكابىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 30-دېكابىر چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. «تۈركىيە بىلەن خىتاي بۇ كېلىشىمنامىسىنى بىكار قىلسۇن!»، «ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتىللىقتۇر!» دېگەن شوئار-چاقىرىقلار تېما قىلىنغان بۇ نامايىش، «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» گە قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ۋە چاقىرىق بولۇپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قىلمىشتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ، خىتاينىڭ ھەممە يەرگە سوزۇلغان زىيانكەشلىكىگە قارشى جامائەت بېسىمى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كېلىشىم مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەدە پاناھلىق بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، تۈركىيەنىڭمۇ زىننەتگۇل تۇرسۇننى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايدىغان قىلىۋەتكەچكە، ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.
