يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان خەۋەرلەردە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغانىدى. ھالبۇكى 1-سېنتەبىر ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھەرىكەت قىلىشى دىققەت قوزغىغان.
«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 11-سېنتەبىر سانىغا بېسىلغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستانلىق تارىخشۇناس، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئەنۋەر نازىروۋ ئۆزىنىڭ «فېيسبۇك» بېتىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى بولغان 1-سېنتەبىر كۈنى تاشكەنتتىكى «گۆكچە» قەبرىستانلىقىغا يىغىلىپ، 1944-1946-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى، ئۆزبېكلەردىن كېلىپ چىققان ئېلىخان تۆرە ۋە مىرتەمىز مىرئابدۇللايېفنى ياد ئېتىشنى پىلانلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ پائالىيەت تېخى باشلانماي تۇرۇپلا بۇلار ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپ ئەنۋەر نازىروۋ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ساقچىخانىغا چاقىرتقۇزۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش سەۋەبى، ئېھتىياجى ھەمدە سىياسەتكە ئارىلىشىش مۇددىئاسى قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىغان.
19-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. بۇ جەرياندا ئابدۇلئەزىز كامىلوف خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان 50 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكىستانمۇ بار ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ ئېلىخان تۆرىگە ئوخشاش كىشىلەرنى ياد ئېتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىخان تۆرە 1944-يىلى قۇرۇلغان 2-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان بىر مۇسۇلمان پائالىيەتچى ئىكەن.