ئۆزبېكىستان 2 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ ئارال دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدىكى 5 يىل جەريانىدا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئاللىقاچان قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەن ئارال دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىايېف 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئارال دېڭىزى رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى دۆلەت پىلانىغا ئىمزا قويغان. بۇ پىلان 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

مەزكۇر پىلان بويىچە كەلگۈسىدىكى 5 يىل جەريانىدا ئارال دېڭىزنىڭ سۇ مەنبەلىرى بىلەن سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. ئارال دېڭىزى ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قايتا ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە داۋالىنىش شارائىتى كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن.

مەلۇمكى، ئارال دېڭىزى ئەسلىدە دۇنيادىكى 4-چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق چوڭ كۆلى بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ رايوندا قالايمىقان سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇشى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويۇشى سەۋەبلىك 1960-يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي قۇرۇشقا يۈزلەنگەن. ھازىر سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن بۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسى ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئارال دېڭىزىنىڭ 90 پىرسەنت سۇ يۈزى قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.