خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ يېپىق دۆلەتكە ئايلانغان ئۆزبېكىستاندا يېقىندىن بۇيان سىياسىي ئاتموسفېرادا يۇمشاش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.
باش شتابى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۆزبېكچە بۆلۈمى تارقاتقان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە يېڭى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزايېفنىڭ دىكتاتور ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى «سىياسىي توڭنى تەدرىجىي ھالدا ئېرىتىشكە باشلىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كەرىموف تەرىپىدىن قامىۋېتىلگەن داڭلىق ژۇرنالىست مۇھەممەد بېگجان 22-فېۋرال كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ بىر سائەتتىن كېيىن «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن قاماقتا ياتقان 18 يىل مابەينىدە چاچلىرىم پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتتى.»
ژۇرنالىست مۇھەممەد بېگجان ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۆكتىچى گېزىت - «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، 1994-يىلى كەروموف مەزكۇر گېزىتنى پېچەتلىگەندە ئۇ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئەپسۇسكى، 1999-يىلى ئۇ ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېفتىكى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان جايىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە 15 يىللىق قاماققا كېسىلگەن. 2011-يىلى ئۇنىڭ قاماق مۇددىتى يەنە 4 يىل 8 ئاي ئۇزارتىلغان.
مۇھەممەد بېگجان داڭلىق ئۆكتىچى ۋە «ئەرك» پارتىيەسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى رەھبىرى مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىنىسى ئىكەن. «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شاۋكەت مىرزايېف تەختكە چىققاندىن بۇيان تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن رۇستەم ئوسمانوف ۋە سەمەندەر قوقانوفتىن كېيىنكى ئۈچىنچى بىر سىياسىي مەھبۇس ئىكەن.