ئۆزبېكىستان يېڭى رەھبىرى شاۋكەت مىرزايېفنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوغداش چاقىرىقى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۆزبېكىستاننىڭ ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى شاۋكەت مىرزايېفنىڭ ئىسلامى پرىنسىپلارنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى تەشەببۇسى دىققەت قوزغىدى.

خەلقئارا خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ بۇ چاقىرىقىنى 18- ۋە 19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيەدىكى دۇنيا بۈلتەنى ناملىق خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان «يېڭى ئۆزبېك رەھبەرنىڭ ئىسلام دىنىي مايىللىقى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، شاۋكەت مىرزايېف شۇ كۈنكى يىغىندا، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، مائارىپ ۋە مەنىۋى بايلىقلار دىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دېگەن.

مەزكۇر خەۋەردە، ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئىسلام كەرىموفنىڭ ھايات مەزگىلىدە ئىمان، ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەرگە ئارام بەرمىگەنلىكى، ھەتتا بەزىدە دۈشمەنلىك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دىنىي زات، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئىسلام كېرىموف ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇشىنى، مەلۇم نۇقتىدىن، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئىسلامغا قارشى سالقىن ياكى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.