ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى مىرزايېف «شىنجاڭ» بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي 29-مارت تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزايېف بىلەن كۆرۈشكەن. ئۆزبېكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى يېشىل ئېنىرگىيە ساھەسىكى ئورتاق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش، قاتناش ئۇل ئەسھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزبېكىستاندا سانائەت باغچىلىرىنى ۋە يېزا-ئىگىلىك گەۋدىلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. شۇ كۈنى ما شىڭرۇي ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما شىڭرۇينىڭ ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرىغا «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ «يېڭى ئۆزبېكىستان» ئىستىراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇشىنى، سودا، مەبلەغ، قاتناش، ئېنىرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، بولۇپمۇ خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ما شىڭرۇينىڭ زىيارىتى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلكىنكېننىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىن، شۇنداقلا ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ب د ت دا جاۋابكارلىققا تارتىشقا، دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا كۆز يۇمماسلىققا چاقىرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

لېكىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ ئاخباراتىدا تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان سودا، ئەشيا ئوبوروتى، داۋالاش، دېھقانچىلىق، ساياھەت ۋە مائارىپ قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىگە كەڭ پۇرسەت بارلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا مىرزايېفنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، زىيارەت ۋە سودا مۇنبىرى تەشكىل قىلىش، ئايرىم «يول خەرىتىسى» تۈزۈپ، مۇھىم تۈر ۋە پروگراممىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۆزبېكىستان ما شىڭرۇينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى بېكىتى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئالدىدا قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان.