ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 28-مارت كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ(Shavkat Mirziyoyev) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاساسى نۇقتا قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى ئەمىلى ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى ئۆزبېكىستان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدىمۇ زىيارەتتە بولغان. ئەركىن تۇنىياز 26-مارت ئاستانادا قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفنىڭمۇ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ توقايېفقا قازاقىستاننىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشتە خىتايغا ھەمدەمدە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ھالبۇكى، مىرزىيايېۋ بىلەن ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشكەندە ئىككى تەرەپ «ئۆزبېكىستان-خىتاي دوستلۇق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھازىرقى يۈكسەك تەرەققىياتنى زور مەمنۇنىيەت بىلەن قەيت قىلىشقان.» ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتى، يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان تاشقىي سودىسى شىددەتلىك ئارتىپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشتا ۋاسىتىچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، شۇنىڭدەك خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىرزىيايېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان كۆپ خىل ھەمكارلىق ۋە ئورتاق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى، بولۇپمۇ يېڭى تېخنولوگىيە، يېزا ئىگىلىك، سۇ-ئىنشائات، قاتناش، ئارقا سەپ تەمىناتى، بانكىچىلىق، سەرمايە، مائارىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان-خىتاي تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.