پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان: بىز شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايمىز

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغانلىقتىن كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كېلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا «كۆڭۈل ئىزھار قىلغان».

ئىمران خان خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» گە تەقدىم قىلغان ئىمزالىق مەكتۇبىدا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى قىلغان:

«خەلقىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋەت قەدىمكى يىپەك يولىغا تۇتىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا فا شيەن ۋە شۈەن زاڭغا ئوخشاش تەرىقەتچىلەر، سودىگەرلەر، ئىلىم ئەھلىلىرى قاراقۇرۇم تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى ۋادىسى مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پايدىلىق ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن».

ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئۆز-ئارا ئىشىنىش، چۈشىنىش ۋە مەنپەئەت ئورتاقلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، تۆمۈر قېرىنداشلىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قوللايمىز. پاكىستان ئەزەلدىن ‹بىر خىتاي سىياسىتى› نى قوللاپ كەلدى ھەمدە تەيۋەن، تىبەت، شىنجاڭ، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدۇ. . . پاكىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كەشمىر تالاش-تارتىشىدىكى ئادىل ۋە پرىنسىپال مەيدانىنى چوڭقۇر قەدىرلەيدۇ».

خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە مەزگىلىدە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇنىڭ بۇ 100 يىلدا ئۆز خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى ھەققىدىكى تەنقىدلەر كۈچەيگەننىڭ ئەكسىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخاننىڭ مەدھىيە مەكتۇبى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىنقى بىر مەزگىللەرگىچە خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەندە بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بىراق ئۇ خەلقئارادىكى مۇخبىرلارنىڭ توختىماي سوئال سورىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى مۇشۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە «پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا گەپ قىلىدىغان يۈز قويمىدى» دەپ يازغان.