پاكىستان پرېزىدېنتى گۋادار پورتىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۇيغۇر رايونىنى ئوتتۇرا شەرققە تۇتاشتۇرۇپ پاكىستانغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر پاكىستاننى بەك ئالدىراپ كەتمەسلىككە چاقىرغان.
پاكىستان دۈشەنبە كۈنى رەسمىي توختامغا ئىمزا قويۇپ، بالوچىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان گۋادار پورتنى ئىشلىتىش ۋە قۇرۇش ھوقۇقىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
پاكىستاندا چىقىدىغان «ئەھمەدىيە ۋاقىت» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، توختام بويىچە پورت پاكىستاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىكەن، ئەمما باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پورت باشقۇرۇش شىركىتىدە بولىدىكەن.
مەزكۇر پورت ئىلگىرى بىر سىنگاپور شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىدى.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مۇراسىمغا قاتناشقان پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى پورتنىڭ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت ئۆلكىلىرى خىتايدىكى ھەرقانداق پورتقا قارىغاندا، پاكىستاندىكى پورتلارغا ئەڭ يېقىن. شىنجاڭنى ئوتتۇرا شەرققە تۇتاشتۇرىدىغان بىر سودا كارىدورى ئېچىشنىڭ كەلگۈسى بەك پارلاق.
خەۋەرگە قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان پاكىستان ئىچىدىكى يوللار ۋە قاراقۇرۇم تاشيولىنىڭ تېخى پۈتمەسلىكى سەۋەبلىك پورتنىڭ پاكىستانغا ئالدىراپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.