شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئەنگلىيەنىڭ 18-19 ئەسىرلەردە شەرق ئەللىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مۇستەملىكە قىلىشتىكى قورالى ئىدى. لېكىن جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ «كۈندىلىك ۋاقىت» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پاكىستانلىق ژۇرنالىست ئافزال سايال تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدا، تارىختا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئاسىيا 2-قۇرۇقلۇقىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات، دېگەن نامدا كىرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ پاكىستانغا ئوخشاشلا قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى، دېگەن نامدا كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئافزال سايال «شەرقىي خىتاي شىركىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئۆتمۈشتىكى مۇستەملىكىچى كۈچ بىلەن بۈگۈنكى مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ پەقەت ساھىبى ئوخشىمايدىغانلىقى، لېكىن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. پاكىستان يۇقىرى قاتلام تەبىقىسى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەپ تەرغىب قىلسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان پاكىستان ئاۋام خەلقىنىڭ ئىچىدە مەزكۇر قۇرۇلۇشقا بولغان نارازىلىق ۋە تەنقىدلەر كۈچىيىشكە باشلىغان.
يېقىندا «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قارىتا پاكىستان ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى بىلەن ئاۋام خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
ژۇرنالىست ئافزال سايال، بۈگۈنكى كۈندە بۇ زېمىندىكى نامرات ۋە بىچارە خەلقلەرگە ئوخشاش ۋەدىلەرنىڭ بېرىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بارلىق ماشىنا، ئىشچى، ئەسۋاب، كەسپىي خىزمەتلەرنى خىتاينىڭ تەمىنلىشى يەرلىك ئۈچۈن بىر تراگېدىيە. يەرلىكنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتا ھېچقانداق رولى يوق. ھەممىدىن يامىنى خىتايلار پاكىستانلىقلارنىڭ يەرلىرىنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىۋېلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ھالقىلىق قىسىملىرىنى خىتايلار كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پاكىستانلىقلار پەقەت بىر كۆرگۈچىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى باشلانغان قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىغا 60 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، بۇ ئىككى رايوننى تاش يول، تۇرۇبا يولى، تۆمۈر يوللار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغانلىقى، ئىقتىسادى كارىدورنىڭ بويىدىكى رايونلاردا نۇرغۇن سودا سانائەت، يېزا ئىگىلىك، تېخنىكا بازىلىرىنى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
