پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يەنە كۆز يۇمۇۋالدى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئامېرىكادىكى «ئ‍وكسىئوس» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى قايتا-قايتا رەت قىلغان. ئۇ دۇنيانىڭ باش جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا «خىتاينىڭ شىنجاڭدا باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. «ئوكسىئوس» ئىمران خاننى ئۆتكەن ھەپتە زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت خاتىرىسى 20-ئىيۇن ئېلان قىلىنغانىدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە «ئوكسىئوس» نىڭ مۇخبىرى جوناتان سۋان ئىمران خاندىن نېمە ئ‍ۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا سورىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا خىتاينىڭ شىنجاڭدا باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغانلىقىنى تەكرارلاپ تۇرۇۋالغان. ئۇ خىتاي بىلەن ھەرقانداق مەسىلە بولسا يېپىق سۆزلىشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ياردەم قىلغانلىقى، شۇڭا ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىمران خان «خىتاينىڭ پۇلى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى ئۇنى بىزار قىلغان-قىلمىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: «مەن دۇنيادا پەلەستىن، لىۋىيە، سومالى، سۈرىيە، ئافغانىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىغا قاراپ كەلدىم. مەن ھەممە ئىش ھەققىدە سۆزلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن مېنىڭ چېگرامدا، مېنىڭ دۆلىتىمدە نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ دىققىتىمىزنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرىمەن» دېگەن.

بۇ، غەربنى ئىزچىل «ئىسلامىفوبىيە» ياكى «ئىسلام دۈشمەنلىكى» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىمران خاننىڭ خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن تۇنجى قېتىم ئ‍ۆزىنى قاچۇرۇشى ئەمەس. ئۇ بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى.