پاكىستاننىڭ كۇئېت دوختۇرخانىسىدىكى پارتلاشتا 70 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
2016.08.09
خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ پاكىستان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 8-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ بالوچىستان ئۆلكىسى كۇئېت شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتا، مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن مەزكۇر ئۆلكە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئادۋوكات بىلال ئەنىۋەر كاسىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۈچۈن كەلگەن 100 گە يېقىن ئادۋوكات ۋە مۇخبىرلاردىن 70 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 112 ئادەم يارىلانغان.
9-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى پاكىستان ساقچى تەرەپ بايانات بېرىپ، پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تاراتقۇلاردا پاكىستاندىكى تالىبانلار ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى پاكىستاندىكى تالىبانلاردىن «ئەركىنلىك پارتىيىسى» يەنى جاماات-ئۇل-ئاھرار ئۈستىگە ئېلىپ، بىر كۈن ئىلگىرى مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئۆلتۈرۈلگەن مەشھۇر ئادۋوكات بىلال ئەنىۋەر كاسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە شۇ كۈنى مەزكۇر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەيشەنبە كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.