پاكىستان تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزاننىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2016.07.03
پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا رامىزاننىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت ئىسپات تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتنىڭ 2 - ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 4 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىسلامىي تەتقىقات ئىشلار باش دىرېكتورى نۇرۇل ئىسلام شاھ يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامئابادتىكى فايسال مەسچىتىنىڭ باش خاتىپى مىسباھۇر راخمان ۋە مۇپتى ئابدۇل ئىسلام ۋە قارى مۇھەممەد شاھ قاتارلىق دىنىي زاتلار بار ئىكەن.
بۇ يىلمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزانلىق چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەنلىكى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇرۇشنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى رامىزان مەزگىلىدە ئېچىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، مەسچىتلەردە تاراۋى نامازلىرىنى نازارەت قىلغانلىقى دەلىل - ئىسپاتلىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن چىقىدىغان «بۈگۈنكى بوغۇز» گېزىتىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئەربابلاردىن تەركىب تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە 26 - ئىيۇندىن 28 - ئىيۇنغىچە تەكشۈرۈشتە بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەربابلارنى خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت، دىنىي زاتلار ۋە يەرلىك خەلقلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى بىر ئەزا: «زىيارىتىمىز جەريانىدا شۇنى بايقىدۇقكى، [ئۇ يەردىكى] مۇسۇلمان ئاممىسى تولۇق دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەركىن ئادا قىلىۋېتىپتۇ.» دېگەن.
ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان ئەپەندى پاكىستان تەكشۈرۈش ئۆمكىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ نەتىجە چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.