پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.06

«كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 - ئاپرېل كۈنى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بەش تۈرلۈك سودا كېلىشىمى يېڭىدىن ئىمزالانغان. گەرچە بۇ قېتىمقى سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئومۇمى سودا مىقدارى ئېنىق ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، سودا سوممىسىنىڭ «غايەت زور مىقدار» دا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ كېلىشىملەر ئاساسەن پاكىستاندا قۇرۇلىدىغان تاشقى ترانسپورت، ماددىي ئەشيا، تېلېگراف ۋە سودا سارىيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئىسلامئابادقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مەزكۇر كېلىشىملەر ئىمزالانغان. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دىرېكتورلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ «شىنجاڭدىكى سەردار شىركەتلەرنىڭ پاكىستان شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلەشكەنلىكىدىن زور دەرىجىدە مەمنۇن بولغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ - پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە سودا شېرىكلىكى مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، بۇنىڭ بىلەن پاكىستاننىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىش» دېگەن نامدا پاكىستان تەۋەلىكىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.