جاڭ چۈنشيەن بىلەن ناۋاز شەرىف «تېررورلۇق» قا قارشى داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى سۆزلەشتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن تېررورلۇققا داۋاملىق بىرگە قارشى تۇرۇشنى سۆزلەشكەن ھەم پاكىستان بىلەن قىممىتى 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

پاكىستان «شەپەق گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ناۋاز شەرىف بىلەن جاڭ چۈنشيەن سەيشەنبە كۈنى كۆرۈشكەندە تېررورلۇققا داۋاملىق بىرگە قارشى تۇرۇش، چېگرا كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئۇنىڭ 3‏-ئاپرېل باشلانغان پاكىستان زىيارىتى 6‏-ئاپرېل ئاخىرلاشقان ئىدى. 70 كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاساسەن خىتاي كارخانىچىلىرىدىن ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان.

پاكىستان «شەپەق گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جاڭ چۈنشيەننىڭ سەپىرى گۋادار پورتىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە كاراچى، ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرنى زىيارەت قىلغان. «شەپەق گېزىتى» خەۋىرىدە، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ جەرياندا پاكىستان ھەربىي تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە نېمە سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

ئۇ خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ پاكىستاننى قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇھلىرىنى يوقىتىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ دىنىي، مەدەنىيەت كونتروللۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.