د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىسىگە ئىنكاس بىلدۈرمەي جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
دولقۇن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى 26-ئىيۇن ھىندىستاندىن چىقىدىغان «ھىندۇ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.
گېزىتتە نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار رامىزان تۇتۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدۇ. بىز پاكىستاننىڭ باشقا يەرلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن گەپ قىلغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما ئۇلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشتە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ.»
ئۇ يەنە، ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چوڭقۇر مۇناسىۋىتى پاكىستاننىڭ مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايغۇرماسلىقىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دولقۇن ئەيسا يەنە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشتە بېيجىڭغا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىسىنى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇپ قالماي، مەسچىتلەردە تاراۋى نامازلىرىنى نازارەت قىلىش، بىر قىسىم جايلاردا مەسچىتلەرنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ھاشارغا ھەيدەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر تەدبىرلىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ئىشلار «ئاقتاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ «تارىختىن بۇيانقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن» لىكىنى تەشۋىق قىلغان مەزگىلدە ئاشكارىلانغان ئىدى.
ھالبۇكى، پاكىستان ئۇيغۇر ئېلىغا چېگرىلىنىدىغان ئىسلامى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆتكەن ھەپتە تاشكەنتتە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا يەنە خىتاي بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
دولقۇن ئەيسا بۇنداق بىر ھەمكارلىقنىڭ كەلگۈسىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەتسىز جازاغا تارتىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.