پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىش تېزدىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى
2024.07.30
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ گۋادار شەھرىدە بالۇچىستان كۈچلىرىنىڭ ئىككى كۈن داۋام قىلغان زور كۆلەملىك نامايىشى تېزدىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭدەك نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بالۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. نامايىشچىلار بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ھۆكۈمەت تەرەپ قولغا ئالغان بالۇچىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرىگە مايىل كىشىلەر باشلىغان بۇ نامايىش پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن توسۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن نامايىشچىلارنىڭ سېپى تېزدىن كېڭەيگەن. نامايىشچىلار ئاساسلىقى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشى پەيدا قىلغان بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، گۋادار پورتى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق نۇقتا بولغان. بولۇپمۇ قەشقەر بىلەن گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان زور قۇرۇلۇش پاكىستاندىكى «ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا» دەپ قارىلىدىغان بالۇچىستان خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىش پۇرسىتىنىڭ بالۇچى خەلقىگە بېرىلمەسلىكى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ئىزچىل يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.
گۋادار شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇش جەريانىدا پاكىستان ئارمىيەسىدىن بىر ئەسكەر ئۆلۈش، ئون نەچچە كىشى ئېغىر يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. «بالۇچىستان مىللىي يىغىلىشى» نىڭ مەسئۇللىرى بولسا «ھۆكۈمەت ئۆتكەن ئۈچ كۈنلۈك نامايىش جەريانىدا مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلدى» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گۋادار شەھىرىدىكى نامايىش تېزدىن پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا بالۇچىستان نامايىشچىلىرىغا قارشى قانۇنسىز ھالدا ئارمىيەنى ئىشقا سېلىشى بىزنى بەكمۇ ئەندىشىگە سالماقتا» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 60 نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىش پىلانلانغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشى يېقىنقى مەزگىللەردە مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ قالغان. شۇڭا خىتاي ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەر جىددىي داۋام قىلىشقا باشلىغانىدى.