پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكلىپىنى خىتاي رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-04
Share

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇخبىرلار ئۇنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا «بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. تولۇق خەۋىرىم بولسىدى مەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان بولاتتىم» دېگەنىدى.

4-ئاۋغۇست كۈنى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئىنگلىز تىللىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «بىر دۇنيا» تېلېۋىزىيەسى مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە بىر پروگرامما ئىشلىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا باغلىنىپ قالغان ئىمران خان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ياپتا گەپلىرى پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىمران خانغا قارشى زور پىكىر ئىختىلاپىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار جامائىتى ئارىسىدا ئىمران خان ھەققىدىكى سەلبىي قاراشلارنىڭ بىردىنلا ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان مەلۇم بولۇشقا باشلىغان لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش ھەققىدىكى پاكىتلار پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىمران خان ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا «دىننى ئوبدانراق چۈشىنىش»، «ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ تەھدىت، دەپ قارىماسلىق» دېگەندەك تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا «ئۆزىنىڭ سودا ئىشىغا زېھىن قويۇش، سەلبىي كەيپىياتنى تۈگىتىش» دېگەن مەزمۇندا جاۋاب بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت