پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «مەزكۇر قۇرۇلۇش پاكىستاننىڭ كېلەچىكى، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى» دېگەن.
3 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستان دېڭىز پورتى-گۋادارنى تاش يول، تۆمۈريول ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەزكۇر پىلان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن 46 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزگەن. بۇ پۇلنىڭ زور قىسمىنى قەشقەر-گۋادار كارىدورىنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا كېلىشكەن ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ناۋاز شەرىفنىڭ «بۇ قۇرۇلۇش پاكىستانغا زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، سودىنى گۈللەندۈرىدۇ، نامراتلىقنى ئازايتىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ قۇرۇلۇش خىتايغا ھىندى ئوكيانغا چىقىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، قەشقەرنىڭ كېلەچىكىگە زور خىرىس ھەم بەزى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.