«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 31-ئۆكتەبىر كۈنى «ھۆر بالۇچىستان ھەرىكىتى» پائالىيەتچىلىرى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان جىم ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ بالۇچىستان رايونى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رايون ئىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇش قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2015-يىلى باشلانغان ھەمدە كەشمىر ۋە بالۇچىستان تەۋەسىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.
لوندوندىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بالۇچ پائالىيەتچىلىرى «مەزكۇر قۇرۇلۇش بالۇچىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا باشلانغان. خىتاي گۋاداردا پەيدا بولغاندىن بۇيان يەرلىك بالۇچ خەلقى ئۆز يېزىلىرىدىن قوغلىنىۋاتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش 6-نويابىر كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.