ئەل جەزىرە: «پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆز يۇمماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-14
Share

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 14‏-يانۋار كۈنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەپ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى پاكىستاندىكى بەزى يەرلىك ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرماقتا» ئىكەن. راۋالپىندىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇلھەمىت ئەلجەزىرەنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاندا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقى، «چۈنكى، خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ پېشىدىلا يۈرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئابدۇلھەمىتنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن 50 يىل ئاۋۋال راۋالپىندىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ھاجىلارنى كۈتۈۋالىدىغان بىر راباتتا ئىشلىگەن. ھالبۇكى، بۇ رابات 2006‏-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاقىۋېتىلگەن. ئابدۇلھەمىتنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دەك تۇغقىنى لاگېردا ئىكەن. راۋالپىندىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇللەتىف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى، چۈنكى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون ئۇرسا، بۇ ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا «بىرەر ئادەم ئۆلسە، ھېچكىم ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە پېتىنالمايدىكەن».

راۋالپىندىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇرېھىم «ئەل جەزىرە» نىڭ مۇخبىرىغا، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچرىشى ئادەتتىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىپلا قالماي، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىقمۇ كونترول قىلماقتا ئىكەن. ئۇ: «بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ، خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزگە بېسىم ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تاراتقۇلارغا سۆزلىيەلمەس بولدۇق» دېگەن. «ئەل جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە يەنە ئامېرىكادىكى ۋىلسون مەركىزى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مايكېل كۇگېلماننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. كۇگېلمەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى زور مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ يەرشارى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى نىسپىي سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ دىققەت قوزغىشىنى خالىمايدىكەن».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.