«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى: «پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمرانخاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا گەپ قىلىدىغان يۈزىنى قويمىدى»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-02
Share

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمرانخاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىقى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلىش سالاھىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ئۆزىنى «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئورنىدا كۆرىدىغان پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمرانخان يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكېروننى «مۇسۇلمانلاردىن قورقۇش كېسىلىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دەپ ئەيبلىگەن ھەمدە پەلەستىننى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغان گەپلەرنى قىلغان. ئۇ يەنە چېچەنىستان، يەمەن، پەلەستىن ۋە كەشمىردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان خورلۇقلارنى ئەيبلىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرى، ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك ھەممىدىن ئېغىر بولۇپ، خىتاي بۇ رايونىدا ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئىمرانخاندىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سورالغاندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئاندىن ئۇنىڭ ئالىي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مۇئىد يۈسۈپ خىتايغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، «پاكىستان ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن يۈز پىرسەنت مەمنۇن، ئۇ يەردە ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېگەن. ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىمرانخاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق: خىتاي پاكىستاننى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ قارايدۇ. پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىنىپ قالغان. شۇڭا پاكىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دەپ خىتاي بىلەن يىرىكلىشىپ قالمايدۇ. ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشى ئۇنىڭغا ھەرگىز «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىسى» سالاھىيىتىنى بېرەلمەيدۇ، ھەتتا ئۇنى مەنپەئەتپەرەست ۋە ئىككى يۈزلىمىچى قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت