پاكىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بەش خىتاي ئىشچى ئۆلگەن
پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بەش نەپەر خىتاي ئىشچى ئۆلگەن. بۇ ۋەقە پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ قالغان
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024-03-26 -
-
-
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا بەش نەپەر خىتاي ئىشچى ئۆلگەن. بۇ ۋەقە پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي ئىشچىلار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخا (Khyber Pakhtunkhwa) ئۆلكىسىدە ياسىلىۋاتقان داسۇ ھىدروگېن قۇۋۋەتلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن. 26-مارت كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت بىردە بومبا بېسىلغان كىچىك يۈك ماشىنىسى ئىش ئورنىغا بېسىپ كىرىپ بومبىنى پارتلاتقان. ماشىنا شوپۇرىمۇ نەق مەيداندا ئۆلگەن. ھازىرچە تېخى ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ پاكىستاندا ئىككىنچى قېتىم ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى قېتىمدا، يەنى 2021-يىلى توققۇز نەپەر خىتاي ئىشچى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭمۇ بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدىكى بۆلىكىگە بولغان نارازىلىقنى مەنبە قىلغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يېڭى لىنىيە» ئاقىللار مەركىزىنىڭ خادىملىرىدىن كامران بۇخارى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ ھۇجۇم پاكىستانغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زۇلمەتلىك كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
نۆۋەتتە پاكىستاندىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپىنچە پاكىستان تالىبانلىرى ۋە بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بالۇچىستان قوراللىقلىرى ئىزچىل خىتاي ئىشچىلىرىنى «بايلىق ئوغرىلىرى» دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىكەن.