پاكىستانلىق ژۇرنالىست مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى پاكىستانلىق ژۇرنالىست ئېرفان خان «ئاسىيا ۋاقتى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پاكىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئېرفان خان «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرىدە قارىغۇ بولۇۋېلىش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلارنى باسمايدىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا «مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك يەنە پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاشكارا چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاندىكى «ئالاھىدە مۇنبەر» گېزىتى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوبزورچىسى مۇھمات زاماننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىنى باسمىغان. مەزكۇر گېزىت بۇ ماقالىنى باسماسلىقتا «بۇ مەسىلىسىنىڭ بەك سەزگۈر» ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاپتورنىڭ قەيت قىلىشىچە، مۇھمات زامان ماقالىسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تۈپ دىنىي ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنىپ، ئىسلامىي ئەقىدىلىرىدىن ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ۋەز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، پاكىستان دائىم ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى قىلمىشنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن پاكىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھېچقاچان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ باقمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىكەن.

ئېرفان خان ماقالىسىدە يەنە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىشكە، ئۆزلىرى بولسا تۇتقۇن قىلىنىشقا، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھەمدە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشى چەكلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى «ئىسيانچى»، «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن پاكىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنى تەنقىد قىلىشنىڭ ئورنىغا كۆز يۇمىۋالغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت