ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت: «خىتاينىڭ ئېمبارگوسى مېنى قورقۇتالمايدۇ»
2020.05.18
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىي قانۇن لايىھىسى» نى سۇنغۇچىلارنىڭ بىرى كرىستوفېر سىمىت 16-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تەھدىتى ئۇنى قورقۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 14-ماي ماقالە ئېلان قىلىپ، كروستوفېر سىمىت ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا تەھدىت سالغان. ئۇلار خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى رولىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. كرىستوفېر سىمىت بۇ يىل 17-ئاپرېل ئاۋام پالاتا ئەزاسى رون رايت بىلەن بىرلىشىپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا ناتوغرا مەلۇمات بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ قۇربانلارغا تۆلەم تۆلەش قانۇن لايىھەسى» نى سۇنغان.
ئۇنىڭدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە ئەرز قىلىشىغا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغانىدى. «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 14-ماي ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ شەخس، ئورگان ۋە ئەمەلدارلارغا جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقى، ئۇلارغا قارىتا سىمۋوللۇق تەدبىر قوللىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ جېنى سىرقىرىغۇدەك قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، كرىستوفېر سىمىتنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، «ئېمبارگو ئۇنى ياكى بۇ قورقۇنچلۇق يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھېچكىمنى سۈكۈت قىلدۇرالمايدىكەن»
ئۇ خىتاينىڭ (ھەقىقەتنى) داۋاملىق يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقى ۋە داۋاملىق يالغان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مانا ئەمدى بىزنىڭ ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن تەھدىت سالماقتا» دېگەن.
كرىستوفېر سىمىت، كورونا ۋىرۇسى قۇربانلىرىغا تۆلەم تۆلەش قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نى سۇنغۇچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغانىدى.









