خىتاي باياناتچىسى «پاناما ھۆججەتلىرى»دىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئائىت بايانلارنى ئاساسسىز تۆھمەت دەپ ئەيىبلىدى
2016.04.05
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 5-ئاپرېل بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مال-مۈلكىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان «پاناما ھۆججەتلىرى» ھەققىدىكى سوئاللىرىنى رەت قىلىپ، «بۇ خىل چويلىغا توختىمايدىغان ئاساسسىز تۆھمەتلەرنى مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ» دېگەن.
«پاناما ھۆججەتلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر ئەڭ دەسلەپ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. گېزىتتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باش شتابى پانامادىكى «موسساك فونسېكا» قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى دۇنيادىكى 140 تىن ئارتۇق سىياسىيوننىڭ باج ئوغرىلىغان ياكى قانۇنسىز توپلىغان مال-مۈلكىگە چېتىلىدىغان 11 مىليون پارچىدىن ئارتۇق مەخپىي ھۆججەتنى بىراقلا ئاشكارىلىغان.
بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردە خىتاي ئەمەلدارلاردىن شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئالدىنقى قارار دائىمىي ھەيئەتلىرىدىن 8 كىشىگە چېتىشلىق ھۆججەتلەرمۇ بار بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتتە شى جىنپىڭ ئائىلىسىنىڭ كۈيئوغۇللىرىدىن دېڭ جياگۇينىڭ 2009-يىلى برىتانىيەگە قاراشلىق ۋىرجىن ئارىلىدا قۇرغان ئىككى چوڭ شىركىتىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەردىن باشقا، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ، سابىق خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن قاتارلىقلارنىڭ بالا-چاقىلىرى چەتئەللەردە قۇرغان شىركەتلەرگە دائىر ھۆججەتلەرمۇ ئاشكارا قىلىنغان.









