خىتاي دائىرىلىرى «پاناما ھۆججەتلىرى» گە ئائىت سۆز-ئىبارىلەرنى چەكلەشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.04.06

شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى چېرىكلىككە زەربە بېرىش كۆرىشىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان بىر پەيتتە، خىتاي ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ چېرىكلىك قىلمىشىغا چېتىلىدىغان «پاناما ھۆججەتلىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتايدا چەكلىگەنلىكى مەلۇم.

باش شتابى پانامادىكى «موسساك فونسېكا» قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى ئېلان قىلغان مەزكۇر ھۆججەتتە دۇنيادىكى 140 تىن ئارتۇق سىياسىيون ۋە كۆپلىگەن بايلارنىڭ پاناماغا نۇرغۇن مىقداردا قانۇنسىز پۇل يوشۇرغانلىقى ۋە ياكى قانۇن سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ باج ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ھۆججەتلەردە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ، نۆۋەتتىكى سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىن  قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پاناماغا يوشۇرغان مال-مۈلكىگە ئائىت مەزمۇنلارمۇ يەر ئالغان ئىدى.

CNN نىڭ 6- ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى بلوگ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ئىزدەش ماتورلىرىدا «پاناما»، ياكى «پاناما ھۆججەتلىرى» دېگەن ئاتالغۇلار چەكلەنگەن.
ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقتىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «پاناما ھۆججەتلىرى» نىڭ «غەربتىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي 5- ئاپرېلدىكى باياناتىدا پاناما ھۆججەتلىرىنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دەپ، رەت قىلغان.

مەزكۇر ھۆججەت ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە، يەنى 5-ئاپىرىل خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كومىسسارى گو بوشىڭ ئالغان پارا ۋە قانۇنسىز سوۋغا-سالاملارنىڭ قىممىتى 12 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئائىت پاكىتلارنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

گو بوشىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان جازاغا تارتىلغان نەچچە ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىرى ئىدى

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، «پاناما ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىك چەمبىرىكىنىڭ چېرىكلىك قىلمىشىغا ئائىت ئۇچۇرلار چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋاسىتىسىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى پۇختىلاشقا تىرىشىۋاتقان شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئاتالغۇلارنىڭمۇ خىتايدا چەكلىنىشى شى جىنپىڭ باشلىغان چېرىكلىككە قارىشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ چىنلىقىغا قارا كۆلەڭگە تاشلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.