پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە نېفىت باھاسى تۆۋەنلەش كۆرۈلدى


2016.01.18

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بارلىق ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنىدە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە نېفىت باھاسى بىراقلا چۈشۈش كۆرۈلگەدىن تاشقىرى يەنە ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئاكسىيە بازىرى ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاكسىيە بازىرىدىمۇ 6 % تۆۋەنلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتارنىڭ ئاكسىيە بازىرىمۇ 6 % تۆۋەنلىگەن. ئىران ھەر كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 500 مىڭ بارىل كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نېفىت پارىس قولتۇقى رايونى دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى بولۇپ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان نېفىت باھاسى 20% چۈشكەن ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.