خىتاينىڭ چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كەلگەن پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ئاشكارىلاندى
خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىتاي مەركىزى ئاخبارات ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 2014-يىلدىن بۇيانقى 3 يىل ئىچىدە چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن خىتاي ئەمەلدارلاردىن 2566 كىشىنى ۋە 8 مىليارد 600 مىليون سوم پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يۈلياڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 2566 ئەمەلدار ئىچىدە قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 نەچچە ئەمەلدارنىڭ 37 نەپىرىنىڭ تورغا چۈشكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ باياناتى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2013-يىلى يىل ئاخىرى باشلانغان «پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى جياڭ زېمىن گۇرۇھى بىلەن شى جىنپىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ جازالانغان ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقتىن باشقا سىياسىي جىنايىتىمۇ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە يەنى 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ پارتىيە ئورگان ژۇرنىلى «ئەمەلىيەت» تە ئېلان قىلىنغان، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى «جۇ يۈڭكاڭ، بو شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار پەقەتلا ئىقتىسادىي جەھەتتە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي جەھەتتە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، سۇيىقەست پىلانلىغان» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ئىدى.