پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

7-ئۆكتەبىر كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيە شۆبىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ سىموۋولىغا ئايلانغان كۆك رەڭلىك لاگېر كىيىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ سېيماسى جانلاندۇرۇلدى.

نامايىشتا نەچچە ئونلىغان كىشى كۆك رەڭلىك لاگېر كىيىمى كىيىپ، قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئەلچىخانا ئالدىدا ئولتۇرغان. ئۇلار قوللىرىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ئاياغلاشسۇن»، «لاگېرلار تاقالسۇن»، «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارغا تۇتقۇنلىرىنى دەرھال قويۇېتىشكە چاقىرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىرانسىيە شۆبىسى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇۋېتىش تەلەپ قىلىنغان ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىمۇ باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھازىرغىچە 55 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان.