ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشىچە، تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىدىن يۇرتى بورتالاغا قايتىپ كەلگەن پارۇق ئابدۇشۈكۈر ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئېلخەتتە بايان قىلىنىشىچە، پارۇق ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم سوئال-سورىقىغا دۇچ كەلگەن؛ شۇڭا ئۇلار پارۇق تەتىلگە كەلگەندە ئۇنى ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلغان. پارۇق ئاتا-ئانىسىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ۋە توي قىلىپ جاھاندارچىلىق يولىغا ئاتلانغان، ئەمما شۇنىڭدىمۇ يەنىلا ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن خالىي بولالمىغان. پارۇق تۇتۇلغىنىغا ئىككى ھەپتىچە بولغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
بۇ ھەپتە يەنە بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز بورتالادىكى 82 ياشلىق رابىيخان ئانىنىڭ چەتئەلدىكى ئوغلىنى كۆرۈشكە تەييارلانغىنى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
