ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ پاتىگۈل غۇلامنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» تەشكىلاتى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى 7 - ئاپرىل يېپىق سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ دېلوسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پاتىگۈل غۇلامنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

مەلۇمكى، پاتىگۈل غۇلام «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئەلى ئۈچۈن ئېغىزىنى قورال قىلىپ تىنىمسىز كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۇنچە تەھدىتى ۋە توسقۇنلۇقىغا قارىماي قارىماي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. 2014 - يىلى ئاپرىلدىن بۇيان ئۇنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

يېقىندا رادىيومىز ئۇنىڭ 7 - ئاپرىل كۈنى يېپىق ھالەتتە سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.

باياناتتا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» نىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوف خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاتىگۈل غولام دېلوسى ئۈستىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.