ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا چېتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل «زامانىۋى قۇللۇق» قا خاتىمە بېرىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
يېقىندا ئامېرىكادىكى «ياخشىراق پاختا شىركىتى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىدە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز شىركەتنىڭ ‹دۇنيا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ياخشىراق سۈپەتكە، ياخشىراق مۇھىتقا ۋە ياخشىراق كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش› دېگەن بۇ قىبلىنامىسىگە ئەمەل قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ قارارىمىز شىركىتىمىزنى ياخشىراق خەلقئارا پوزىتسىيەگە ئىگە قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ھال دۇنيا پاختا مەھسۇلاتى ئومۇمى مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن.
